n
w

    يۇرتىمىز ئەزەلدىن مېۋە-چىۋە ماكانى دەپ نام ئالغان، ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر داستىخان غىزالىقىمىز مېۋىلەردىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا ئەلمىساقتىن بېرى بۇ يەردىكى كىشىلىرىمىز ساغلام، تېتىك ۋە جۇشقۇن ياشاپ ئۆتكەن.         
  جۈملىدىن مېۋىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان قارىقات، مالىنا، بۆلدۈرگەن، ئەنجۈر، بېھى قاتارلىق مېۋىلەر خەلىقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. مۇشۇنداق ئېسىل زىمىن ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۈرۈمچى گۈل دىيار يېمەكلىك زاۋۇتى مۇراببا ۋە ھەسەل پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كەسپىيلەشكەن، ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىگە ئىگە مىللىي كارخانا ھېسابلىنىدۇ.
   كارخانىمىز 1999-يىلى ئۈرۈمچى يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، 2007-يىلى سايباغ رايونىغا ئىلغار، زامانىۋىلاشقان، كۆلەملىك  زاۋۇت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى. ھازىرغا كەلگۈچە كارخانىمىز ئۇزۇن يىللىق يېمەك - ئىچمەك تەجرىبىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن.
   كارخانىمىز ئانا دىيارىمىزدىكى كەڭرى كەتكەن گۈزەل تەڭرى تېغنىڭ ئەڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھېچقانداق بۇلغانمىغان تەبىئىي ساپ مېۋىلەرنى خام ئەشيا قىلىپ، يۇقىرى چەكتە مېۋىنىڭ ئەسلى رەڭگى، تەمى ۋە قۇۋۋىتى ساقلاپ قېلىنغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول بولغان %100 ساپ تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارماقتا. بۇ مەھسۇلاتلىرىمىزمۇ ئىزچىل تۈردە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېسىل داستىخىنى ۋە قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتماقتا.
   كارخانىمىز قۇرۇلغاندىن بېرى دىيارىمىزنىڭ ‹مېۋە ماكانى› ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، بازارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، توختىماستىن ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى ئەڭ ئەلا ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ.
   گۈل دىيار يېمەكلىك زاۋۇتى دىيارىمىزنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تېخنىكىسى بىلەن ھازىرقى زامان پەن  - تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى بىر گەۋدىلەشكەن، ھەرقايسى مىللەت ئاممىسى ياقتۇرىدىغان يېشىل ساغلام يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقارماقتا.

w
رەسىم ۋە فلەش ھۈججەتنى ئىنتىلمە كۆزنەكتە ئېچىپ بېرىدۇ
n

ئۈرۈمچى گۈل دىيار يېمەكلىك زاۋۇتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئۈرۈمچى شەھىرى چاڭشڭ 5- دۈي
www.guldiyar.com.cn      0991-2885918
新ICP xxxxxx